ئىران غەرب دۆلەتلىرىنى ئىرانغا ھۇجم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى ئاتاۋۇللا سالىھى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ئىرانننىڭ يادرو تەتقىقات مەركەزلىرىگە قارىتا ھۇجۇم ئېلىپ بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بۇنداق بىر ھۇجۇم يۈز بەرسە، "ئىران بۇنىڭغا قارىتا ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇدىغان ھەربىي جاۋاب قايتۇرىدۇ" دېگەن.

ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى شەنبە كۈنى ئىران گېزىتلىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتى، ب د ت ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش توغرىسىدا يېڭى بىر قانۇن لايىھىسىنى كۆرۈشۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران رەھبەرلىرىنىڭ بۇ تەدبىرلەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيىسىدە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، گەرچە بۇ مەسىلىنىڭ سۆھبەت يولى بىلەن بىر تەرەپ بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلتىشنى رەت قىلمىغان.

ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى سالىھى باياناتىدا، ئىران ئارمىيىسىنىڭ 1980‏- 1998 يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەگىلدىكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "ئەگەر بىزگە پوپوزا قىلىۋاتقان دۈشمەنلىرىمىز ئەخمىقانە بىر ھەرىكەت قىلسا، بىز بۇنىڭغا ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇدىغان جاۋاب قايتۇرۇمىز" دېگەن

ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ھەربىي كۈچ توغرىسىدا ئىراننى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئىران دۇنيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ بەشتە ئىككى قىسىمى ئۆتىدىغان پارس قولتۇغى ۋە ھۆرمۈز بوغۇزىدا، نۇرغۇن قىيىنچىللىقلار چىقىرىشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە. (قانات)