ئىران بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىلەشمەكتە

ئىران بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدا، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان دېپلوماتىيە كرىزىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.

ئىران ھۆكۈمىتى، جۈمە كۈنى پارس قولتۇغىدا ئىران دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ، پارس قولتۇغىنىڭ ئىرانغا تەۋە قىسمىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى، ئۇلارنىڭ پارس قولتۇغىدىكى ئىراققا تەۋە سۇلاردا ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىران ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئىران ھەربىي خادىمىئى، بۇ كىشىلەر سوراق قىلىندى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىران دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى، دېگەن.

ئىران بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا باشلانغان سىياسىي كرىزىس، جۈمە كۈنى دۇنيا بازارلىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشگە سەۋەب بولدى.

ئىران دېڭىز ئارمىيە قسىسىملىرى 2004‏- يىلىدا يەنە ئوخشاش سەۋەبلەردىن 8 ئەنگىلىيە ئەسكىرىنى ئەسىر ئالغان. لېكىن 3 كۈندىن كېيىن ئۇلارنى ساق-سالامەت قويۇپ بەرگەن ئىدى. (قانات)