ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش شەنبە كۈنى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 15 نەپەر ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيە خادىمىنى دەرھال ۋە شەرتسىز ھالدا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش بۇ سۆزنى شەنبە كۈنى برازىلىيە پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقان.
پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايېرنىڭ مەزكۇر تۇتقۇنلارنى قايتۇرىۋېلىسن ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بىر ھەپتە ئىلگىرى مەزكۇر ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ئىراننىڭ سۇ تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئىران تەرەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان. بىراق، ئەنگىلىيە ئۇلارنىڭ ئىراننىڭ سۇ تەۋەسىگە كىرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئىراندىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان. يەكشەنبە كۈنى تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئىرانلىق ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيىنىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئەنگىلىيىنى ئەيىبلىگەن، نامايىش زوراۋانلىق تۈسى ئالغان بولۇپ، ئەلچىخانىغا تاشلار ئېتىلغان.
ئۇنىڭ ئالدىدا ئىران ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ئىراقتىكى بەسرە شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئوق چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن لوندون دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)