ئەخمەدى نىجات 4 - ئاپرىل كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ 15 ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
ئىراندا 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەخسۇس مۇراسىم ئېچىلىپ، ئۆتكەن ئايدا تۇتۇۋېلىنغان ئەنگىلىيىنىڭ 15 نەپەر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بېرىلدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران بىلەن ئەنگىلىيە ئوتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان بۇ مەسىلە ئاخىر دېپلوماتىك ۋاستە ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ئۆزى ئويۇشتۇرغان مۇراسىمدا "ئەنگىلىيىنىڭ سولداتلىرى بىزنىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىزدە قويۇپ بېرىلدى" دەپ جاكارلىغان.
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات بۇ قارارىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، ۋاشىنگتوندا، ئاقساراينىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىبى گوردون جوندرانىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىراننىڭ 15 نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش ئىراننىڭ ئەنگىلىيە تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئىران بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىلەشمەكتە
- ئىران غەرب دۆلەتلىرىنى ئىرانغا ھۇجم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- تېھران ب د ت نىڭ قارارىنى مەڭسىتمىگەندىن كېيىن خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە
- ئىران پرېزىدېنتى يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى