ئەخمەدى نىجات 4 ‏- ئاپرىل كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ 15 ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئىراندا 4 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى مەخسۇس مۇراسىم ئېچىلىپ، ئۆتكەن ئايدا تۇتۇۋېلىنغان ئەنگىلىيىنىڭ 15 نەپەر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بېرىلدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران بىلەن ئەنگىلىيە ئوتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان بۇ مەسىلە ئاخىر دېپلوماتىك ۋاستە ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ئۆزى ئويۇشتۇرغان مۇراسىمدا "ئەنگىلىيىنىڭ سولداتلىرى بىزنىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىزدە قويۇپ بېرىلدى" دەپ جاكارلىغان.

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات بۇ قارارىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، ۋاشىنگتوندا، ئاقساراينىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىبى گوردون جوندرانىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىراننىڭ 15 نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)