6 دۆلەت بېرلىندا ئىران يادرو مەسىلىسى مۇزاكىرىسىنى باشلىۋەتتى


2007.05.10

6چوڭ دۆلەتنىڭ خادىملىرى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر ئارىغا كېلىپ، نۆۋەتتە ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بارىدىغان مۇزاكىرىسىنى باشلىۋەتتى.

پەيشەنبە كۈنى باشلانغان مەزكۈر سۆھبەتكە گېرمانىيە ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك تاشقى دىپلوماتىيە خادىملىرى قاتنىشىدىكەن.

ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى يېقىندا قارار چىقىرىپ، ئىراننىڭ 23 ‏- مايدىن بۇرۇن، يادرو قوراللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇران تاۋلاش ھەرىكىتىنى قەتئىي توختىتىشىنى قارار قىلدى.

ئىلگىرى ب د ت، ئىراننىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئۇران تاۋلاش ھەرىكىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى قارارىنى مەڭسىتمەي، ئۆز مەيلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇران تاۋلاش ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇپ، ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.

مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىلىرى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىلىرى بۇيىچە باش ۋەكىلى، لارىجانى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى سۇرانا تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئاساستا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش مەسىلىسى، خەلقئارادا ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلانماقتا.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.