ئىران نېفىت مىنىستىرى كازەم ۋەزىرى-ھامانەھنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، غەرب ئەللىرى ئىرانغا قارىتا ئېغىرلىتىپ ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، ئىران نېفىتلىرىنى خىتايغا ئىستراتېگىيىلىك ئامبارلاشتۇرۇش ۋە ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدا نېفىت زاپىسى ئامبارلىرى قۇرۇش ھەققىدە خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى 4- چوڭ نېفىت ئېكسپورت دۆلىتىنىڭ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلغۇچى دۆلەتكە ئىستراتېگىيىلىك نېفىت ئامبىرى قۇرۇش پىلانى سۆھبىتى داۋام ئەتمەكتە ئىكەن.
ئۇ مالايسىيادا ئېچىلغان ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ پىلانىمىز بار. بىز خىتايغا نېفىت زاپىسى ئامبىرى قۇرۇش ھەققىدە خىتايلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز"
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 11- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتايلار ھازىر جېنخەي 33 مىليون باررىللىق تۇنجى نېفىت ئامبىرىنى توشقۇزۇپ بولغان بولۇپ، ھازىر يەنە ئاۋشەندىكى 100 مىليون باررىللىق ئىككىنچى چوڭ ئىستراتېگىيىلىك نېفىت ئامبىرىنى 2008-يىلى ماي ئېيىغا قەدەر توشقۇزۇپ بولىدىكەن.
كازەم ۋەزىرى-ھامانەھنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران ھازىر يەنە، ھىندونېزىيە، سىنگاپور سۈرىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. لېكىن، ئۇ بۇ سۆھبەتلەر ھەققىدە تەپسىلى توختالمىغان.(جۈمە)