ئىران پرېزدىېنتى ماھمۇد ئەخمەدىنىجات ئامېرىكا پرېزىدېىنتى جورج W بۇشقا خەت يېزىپ، ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى تەكلىپلەرنى قويغان. بۇ ئىران رەھىبىرىنىڭ 27 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا خەت يېزىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەۋەرنى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى غولام ھۈسەيىن ئىلھام دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇ كۈندە بۇ خەت تېھراندىكى شىۋىتسارىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق بۇشقا يەتكۈزۈلىدىكەن. غولام ھۈسەيىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران رەھبىرى ئەخمەدىنىجات خېتىدە نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق نازۇك ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى يېڭى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇخبىرلار باياناتچى غولام ھۈسەيىندىن بۇ خەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ بۇ خەت ئوچۇق خەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تېخى بۇنىڭ ئالدىدا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات يەكشەنبە كۈنى قاتتىق تەلەپپۇزدا سۆز قىلىپ، ئەگەر ب د ت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ئىرانغا جازا قوللانسا، ئۇ ھالدا ئىراننىڭ "خەلقئارا يادرو كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى" دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى تەھدىت قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت بۇشقا خەت يېزىشى، مۇتەخەسسىسلەرنى ئىران كرىزىسىغا قارىتا ئازراق ئۈمىدلەندۈردى. ئامېرىكا دائىرىلىرى تېخى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)