ئىران ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىرانغا قارشى ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش تەھدىتىنى تەنقىد قىلدى


2006.08.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۈشەنبە كۈنى ئىران ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىرانغا قارشى ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش تەھدىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەگەر ئىران ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بەلگىلىگەن 31‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمىسا، ب د ت نىڭ قارارىنى كۈتمەيلا ئىران قارشى ئىقتىسادىي جازا يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى جون بالتون بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش توغرىسىدا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەگەر بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى بۇ ھەقتە قايىل قىلالمىسا، ئۆزى بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى غۇلام ھۆسەيىن ئىلھام تېھراندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ بايانات ھەم ب د ت ھەم بىخەتەرلىك كېڭىشى ئۈچۈن بىر ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ پوپوزا ۋە پرىنسىپسىزلىكتىن كېلىپ چىققان سۆزلەر، دېدى.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىرانغا ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن 31‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە ۋاقىت بەرگەن ئىدى. لېكىن ئىران بۇ مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن جىددىي سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدا تېخى ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.