ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى مەنسىتمىدى

ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد، ئىراننىڭ تالاش - تارتىش قوزغىغان يادرو پروگراممىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە ئىران قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانيۇم تاۋلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەخمىدىنىجاد، ئىراننىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدىن قىلچىمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت ئەل-بارادېي، يادرو مەسىلىسىدىكى تىركىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن تېھراننى زىيارەت قىلماقتا. ئۇ، "پەۋقۇلئاددە ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن بۇرۇن' ئىراننى ئۇرانيۇم تاۋلاشتىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن " دەيدۇ. غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ مەخپىي يادرو قوراللار پىلانى بار، دەپ گۇمان قىلسىمۇ، لېكىن ئىران يادرو پىلانىنىڭ تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجاد، ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانيۇم تاۋلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى. رايىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى مەڭسىتمەي كەلمەكتە، ئەگەر ب د ت ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قالىمەن دېسە، ئىرانغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. لېكىن ئەخمەدىنىجاد پەيشەنبە كۈنى " بىز ئىران دۆلىتىنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچكىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز ۋە ھېچكىم بىزنى بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە قىلچىمۇ مەجبۇرلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس " دېدى.

خىتاي، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش پىلانىنى قوبۇل قىلماي كەلدى. ئىران ئۇرانيۇم تاۋلاپ چىقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ياردەمچى تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى چۈي تيەنكەينى تېھرانغا يوللىغان.