ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى خامەينى شەنبە كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، چەت مەملىكەتلەرنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىسا، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات شەنبە كۈنى بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرانغا تۇتقان ئېمبارگوسىنىڭ ئىراننىڭ يادرو تەرەققىيات پىلانىنى توسالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شەنبە كۈنى تېھراندا 1980-1988-يىللىرىدىكى ئىران-ئىراق ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت بايرىمى خاتىرلىنىپ، نامايىشلار ۋە ھەربىي پاراتلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پاراتتا ئىران ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال -ياراقلىرى ۋە ئىككى مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى نامايىش قىلغان.
ئىراننىڭ ئاتوم يادرو پىلانى ئۇزۇندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ب د ت ئىرانغا نىسبەتەن جازالاش تەدبىرلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئىران ئۇران تاۋلاش پىلانىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تەرەپ ب د ت نىڭ ئىران' غا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم بېسىم كۆرسىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.
ئىران ئاتوم يادرو پىلانى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تەۋە مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئىرانغا جازا قوللىنىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن پەرقلىق مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. يەكشەنبە كۈنى ئەخمەدى نىجات نىيو يوركقا كېلىپ، ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ(ئۈمىدۋار)