ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىپى لىۋنى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ سەپىرىدە ئىرانغا ئىمبارگو قويۇپ، ئۇنى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچۈرۈشتە خىتاينىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لىۋنى خانىم جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە،"خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
نۆۋەتتە گېرمانىيە ئىرانغا قارىتا ئىمبارگونى كۈچەيتىدىغان يېڭى ئىمبارگو لايىھىسىنى تەييارلىماقتا. يېڭى ئىمبارگو لايىھىسى تەييارلانسا، بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر خىتاي، رۇسىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلىدۇ.
خىتاي، ئىلگىرى دەسلەپكى ئىمبارگو لايىھىسىنى قوللىغان بولسىمۇ ،لېكىن كېيىن رۇسىيە بىلەن بىرگە ئىمبارگونى كۈچەيتىشكە قارشى چىققان. ئۇ، ئىمبارگونى كۈچەيتىش غەرب بىلەن ئىران ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا. لىۋنى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىدا "ئىمبارگو ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن كونكرېت بولۇشى شۇنداقلا ئوخشىمىغان تەرەپلەر ھەمدە خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنغان بولۇشى كېرەك " دەيدۇ.
ئىران خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئانگولادىن قالسا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان 3 - چوڭ شېرىكى بولۇپ، خىتاي بۇ تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگونى كۈچەيتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلماي كەلدى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىپى لىۋنىنىڭ سەپىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىرانغا تېخىمۇ ئېغىر ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى قوللاشقا قايىل قىلىش ئىكەن. لېكىن ئىران يادرو قوراللار ياساش پىلانى بارلىقىنى رەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)
