دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، ئامېرىكىنىڭ 16 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئىران يادرو تېخنىكىسى ھەققىدىكى ئاخباراتلىرى ئۈستىدىن باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا، ئىران بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇنلا،يەنى 2003 - يىلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى بىكار قىلغان ۋە 2007 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بۇ ھەقتە قايتا ھەرىكەت باشلىمىغان دەپ جەزىم قىلىنغان.
شۇنداقلا مەزكۇر باھالاش دوكلات نەتىجىسىدە، ئىراننىڭ قايتا يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قورال ياساش شارائىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەگەر تېھران يادرو قوراللىرىنى قايتا ياساشنى بېكىتكەن تەقدىردىمۇ، يادرو قورال تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشىغا ئاز دېگەندە سەككىز يىل كېتىدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ يېڭى دوكلاتى ئىراننىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇتەققى بۇ ھەقتە مەخسۇس تېلېۋىزىيە نۇتقى بېرىپ " ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئىرانغا قارىتا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىنى قارشى ئالىمىز، ئىراننىڭ 2003 - يىلىدىن ئىلگىرىمۇ يادرو قورال ياساش مەقسىتى يوق ئىدى " دەپ بىلدۈرگەن. ھالبۇكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ھەمدە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا ئىران يادرو تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يەنىلا ئىرانغا قارىتا بېسىمىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.
كۆزەتچىلەر، " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا يەنىمۇ قاتتىق قورال ھەم ئىقتىسادى ئىمبارگو قوللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئېلان قىلىنغان بۇ ئاخبارات باھالاش دوكلاتى، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە قايتا باھا بېرىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن"دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)