ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەر ئىران مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى


2006.05.09

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا 5 دۆلەت ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىرى سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى باش شتابىدا ئىران يادرو پىلانىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى، لېكىن تەرەپلەر پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى قارارى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئازايماقتا. ئەمما 6 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىران يادرو قوراللارغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك، دېگەن مەسىلىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جاۋشىڭ بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرى لاۋروۋ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۈۋەتتىكى قارارىغا قارشى تۇردى. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قارار ئاخىرى بېرىپ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.

ئامېرىكا تەرەپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىران مەسىلىسى بويىچە بۇ ھەپتە ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى قالمىدى،دەپ قارىماقتا. بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد پرېزىدېنت بۇشقا خەت يازغان. گەرچە ئىران دائىرىلىرى ئەخمەدىنىجادنىڭ خېتىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بىر پۇرسەت، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران پرېزىدېنتىنىڭ خېتىدە يادرو پىلانىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە كونكرېت بىر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاڭ گۇاڭيا، خىتاي ھۆكۈمىتى د ت ت نىڭ 7 - ماددىسىنى ئىرانغا ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ئالى لارىجانى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مەيدانىنى " رىيالىستىك" پوزىتسىيە، دەپ ماختىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.