ب د ت ئىراندىن ئۇرانيۇم تاۋلاش مەشغۇلاتىنى بىر ئاي ئىچىدە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى


2006.08.01

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دۈشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، ئىراندىن ئۇرانيۇم مەشغۇلاتىنى 31 - ئاۋغۇستقىچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ئىران بېسىمغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ب د ت قارارى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى خىتاي قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە بىر دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان. قاتار، قارار لايىھىسىگە قارشى بىلەت تاشلىغان بىردىن - بىر دۆلەت. خىتاي قارار لايىھىسىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. لېكىن خىتاي بىلەن رۇسىيە قاراردا ئىمبارگو مەسىلىسىنى تەپسىلىي تىلغا ئېلىشقا قارشى چىقىپ، بۇنى ئەگەر ئىران خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلمىسا ئاندىن ئويلىشىش كېرەك، دەپ قارىغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، " بىز خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك جەريانغا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەيدۇ.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قارارى بويىچە، ئەگەر ئىران 31 -ئاۋغۇستقىچە ئۇرانيۇم تاۋلاشنى توختاتمىسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىرانغا ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 41 - باپىدىكى 7 ماددا بۇيىچە ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىدىغان "مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى" ئالىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراندىن يادرو مەشغۇلاتىنى توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ بىر كۈن كېيىن، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىدى. ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نەجاد، سەيشەنبە كۈنى " كۈچ ۋە تەھدىتكە" تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ، "ئىراننى كۈچ ۋە تەھدىت بىلەن تىز پۈكتۈرىمىز، دەپ ئويلىغانلار خاتالاشماقتا " دەيدۇ. لېكىن پرېزىدېنت بۇش قارارنى "كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.