ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىران بىلەن بولغان سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاياقلاشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېريۇسسېلدا ئىران بىلەن ئۆتكۈزگەن يادرو مەسىلىسىدىكى ئاخىرقى سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاياقلاشتى. شۇنداقلا ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كەچتە لوندوندا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بۇ مەسىلىدە ئۇچراشماقچى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنى بۇ يادرو ماجىراسىغا قول تىقىشقا چاقىردى. بېريوسسېلدىكى بۇ يىغىن ئىران تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە چاقىرىلغان بولۇپ، ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

سۆھبەتكە قاتناشقان بىر نەپەر ئەنگلىيە دېپلوماتى، مەزكۇر سۆھبەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېچقانداق بىر يېڭىلىقنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئىراننىڭ ئالىي دەرىجىلىك سۆھبەت ۋەكىلى بولسا، سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ھەمدە يەنە داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىمۇ پەيشەنبە كۈنى ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش ياكى سۇنماسلىق مەسىلىسىدە جىددىي يىغىن ئاچماقچى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق يادرو قوراللىرىنى ياسىماقچى بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما تېھران ئىزچىل تۈردە بۇنى تىنچ يولدىكى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. (پەرىدە)