ئامېرىكا ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستايدىغان كەڭ دائىرىلىك يېڭى ئىمبارگو تەدبىرى ئېلان قىلىپ، ئىمبارگو نىشانىنى ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قىسىمى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىران بانكىلىرىغا قاراتتى. يېڭى ئىمبارگو تەدبىرى ئالدىنقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس ۋە مالىيە مىنىستىرى پائۇلسونلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
بۇ ئىمبارگو ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىرانغا قويۇلغان ئەڭ ئېغىر ئىمبارگو بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئورگانلىرىغا ئىمبارگو قويۇشىدۇر. ئىمبارگو تەدبىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن قورال - ياراقلار سودىسى ۋە تېرورچى تەشكىلاتلارغا مالىيە ياردىمى بەرمەكتە، دەپ قارالغان ئىران دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۈچ بانكىنى شۇنداقلا ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەم ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قىسىملىرىنىڭ قۇددۇس دىۋىزىيىسىگە قارىتىلدى.
ئامېرىكا قۇددۇس دېۋىزىيىسى تېرورچى تەشكىلاتلارنى، بولۇپمۇ لىۋاندىكى ھىزبۇللا تەشكىلاتى ۋە ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگو قارارى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، ئىمبارگو ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ، دەپ قارالدى. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا" بولۇپمۇ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىران دائىرىلىرى ئىران يادرو مەسىلىسىگە چارە ئىزدەۋاتقاندا ئىمبارگو قويۇش مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ " دېدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىراننىڭ مۇھىم ئىقتىسادى شېرىكى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىران ھەربىي كۈچلىرىنى تېخنىكا ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قىسىمى ياكى يۇقىرىقى 3 بانكا بىلەن سودا قىلغان شىركەت ۋە بانكىلارنى جازالىشى مۇمكىن. ئىران بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگو قارارىنى شىددەتلىك ئەيىبلىدى. (ئەركىن)