ئىراندا سايلام جىددى داۋاملاشماقتا
2005.06.19
ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى، ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزاتنىڭ قايتا سايلامغا قاتنىشىش شەرتى بىلەن ئاياقلاشتى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ 19 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق پرېزىدېنت ھاشىمى رافسانجانى بىلەن تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى رادىكال دىنچى ماھمۇد ئاھمېدېناجاد 2 - قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن.
سايلامدىن بۇرۇن، كىشىلەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان بولۇپ، ئاھمېدىناجادنىڭ، رافسانجانى بىلەن تەڭ ئورۇندا ئاۋازغا ئېرىشىشىنى ھېچكىم ئويلىمىغان ئىكەن.
سايلامدا 3 - ئورۇنغا ئېرىشكەن، ئىسلاھاتچىلاردىن مەخدى كاروبى، ئۆزىدىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ماھمۇد ئاھمېدېناجادنىڭ سايلام جەريانىدا كىشىلەرگە پۇل تارقىتىش ئارقىلىق، ئۆزى ئۈچۈن بېلەت تاشلاتقۇزغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق سايلام، 6 - ئاينىڭ 24 -كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. (ئەقىدە)