ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە


2006.04.17

رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى مەنۇچىھىر مۇھەممەدى جۈمە كۈنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەدى سۆزىدە، ئىران ۋە ھىندىستان نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا نازارەتچى ئورنىغا ئىگە، بۇ ئىككى دۆلەت ئالدىمىزدىكى يازدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن. ئىران ۋە ھىندىستاننىڭ تەشكىلاتقا تولۇق ئەزا بولۇشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ھازىر بۇ تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق كۈچلۈك ئىككى ئەزاسى بار. ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بىلەن، تەشكىلات كۈچلۈك تۆت ئەزاغا ئىگە بولىدۇ، دېگەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1996‏- يىلى رۇسىيە، خىتاي، قازاقسىتان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز-ئارا ھامكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چېگرا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان.

ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات دەپ قارىماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، 2001‏- يىلى ئۆزبېكىستاننى رەسمىي ئەزا قىلىپ، قوبۇل قىلدى ۋە پاكىستانغا نازارەتچى سۈپىتىدە ئورۇن بەرگەن . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.