ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان Daily Telegraph گېزىتىنىڭ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىران يادرو مەركىزىنى بومبىلاش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراق ھاۋا تېرىتورىيىسىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى رەت قىلدى.
گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى، ئىران يادرو مەركىزىنى بومبىلاش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىراق ھاۋا تېررىتورىيىسىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا ئەگەر ھازىرىدىن بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭدىڭلاشتۇرۇۋلمىسا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى بىر-بىرىگە قارشى ئوق چىقىرىدىغان بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىپ قىلىشى مۇمكىن، دېگەن.
لېكىن ئىسرائىلىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئىفرايم ئىنە، گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھېچقاچان ئامېرىكىدىن بۇنداق بىر تەلەپتە بولمىدى، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەۋەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەن.
بۇ ئارىدا ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېنى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك، دېدى
ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ قارارلىرىغا پىسەنت قىلماي، يادرو پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى جىددىلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.
دۈشەنبە كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمى ئەزاسى بولغان، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىرانغا قارىتا يېڭى تەدبىرلەر قوللىنىش ئۈچۈن لوندۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى. (قانات)