شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
2006.05.09
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر 15- ماي كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىپ، ئىران يادرو پىلانى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە،جۇڭگو، قازاقىسىتان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا "بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرەپلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ " دېدى.
ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر تەرەپلەر قوشۇلسا ئىران مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا بولىدىكەن. ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى. لېكىن ليۇ جيەنچاۋ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانۇچېھىر ماتتاقىنىڭ قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئارىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بېيجىڭدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرۈش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە قارشى چىقماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەر ئىران مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى
- ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات بۇشقا خەت يازدى
- ئىران يادرو كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى تەھدىت قىلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى
- ئىران ئامېرىكىنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى