ئامېرىكا: جۇڭگونىڭ 4 شىركىتى ئىراننىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى ياسىشىغا ياردەم بەرگەن

ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ 4 شىركىتىنى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ 4 شىركەتنى " كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تارقاتقۇچىلار " دەپ تەنقىدلىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئىقتىسادىي ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ستۇۋارد لىۋىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "تىزىملىكتىكى بۇ شىركەتلەر ئىران ھەربىي دائىرىلىرىنى ۋە ئىران قورال - ياراق تارقاتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا كېرەكلىك زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىگەن". ستۇۋارد لىۋى "بىز ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، بۇ دۆلەتتىكى شىركەتلەر ۋە پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ئىراننىڭ قورال - ياراقلار كېڭەيمىچىلىك پائالىيىتىگە ھەمشېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز" دېدى.

تىزىملىكتىكى خىتاي شىركەتلىرى بېيجىڭ ئەللىت تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، لىممىت ئىقتىسادى ۋە سودا چەكلىك شىركىتى، چاڭچىڭ سانائەت شىركىتى، جۇڭگو نازۇك ماشىنا سايمانلىرى ئېكسپورت ۋە ئىمپورت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئىرانغا ياردەم قىلغان بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىندى. بۇ شىركەت كالىفورنىيە شتاتىدىكى جۇڭگو چاڭچىڭ سانائەت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋاكالەتچى شىركىتى WG ئالەم بوشلۇقى شىركىتى ئىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تىزىملىكتىكى جۇڭگو شىركەتلىرىنى " كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى قويۇپ بېرىشكە بولىدىغان ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى ئىقتىسادى، ماددى، تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن، تەمىنلەشكە ئۇرۇنغان ياكى قوللىغان" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئىلگىرى يۇقىرىقى 4 جۇڭگو شىركىتىگە ئىمبارگو قويغان. (ئەركىن)