ئىران ئەدلىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات توپلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىران دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى تۇنجى قېتىم جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىران ئەدلىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جەمشىدى، ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاراك شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى رەسىمگە تارتقان ھەم سىنئالغۇغا ئالغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ ئاراك شەھىرىدە قۇرۇلۇۋاتقان يادرو ئەسلىھەسى خەلقئارادا تالاش تارتىش قوزغاۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىران بۇ سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىمبارگو تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە.
جەمشىدىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسى ساياھەتچىلەر قىياپىتىدە ئىراننىڭ قىش ئارىلىدىكى ساياھەت مەنزىلگاھىغا كېلىپ بۇ يەردىن ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئاراك شەھىرىگە بارغان. ئىران ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىراندا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارماقتا، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ۋەقەنى، ئىراننىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغان بەزى جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ ئىراندىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە سەزگۈر رايونلارنى رەسىمگە تارتقانلىقى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىش ۋەقەسى، دەپ ئېلان قىلدى. ئىراننىڭ قىش ئارىلى پارىس قولتۇقىدىكى مەشھۇر ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ، ئىران دائىرىلىرى ئىككى خىتاي ساياھەتچىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىش ئارىلىدىن 700 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاراك شەھىرىگە بارغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. (ئەركىن)