خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە قارىغاندا، 20- ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئىران ساقچى تەرەپ جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەن.
بۇ خىتاي پۇقرالىرى، ئالدىنقى ئايدا ئىراندىكى ھەربىي يادرو ئەسلىھەلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن ۋە جاسۇسلۇق قىلمىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىراندا سولاقتا تۇرۇۋاتقان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرى، ئىراندا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلار خوجايىنلارنىڭ يەر ئۆلچەش مەشغۇلاتىغا ياردەملىشىش جەريانىدا، خاتا ھالدا بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان بىنالارنىڭ رەسىمىنى تارتىپ سالغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ئىراندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سوز-ھەرىكەتلەرگە بەك دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئىران خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي ئوران قويۇلدۇرۇش ئىشلىرىنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرانغا قارتا يەنىمۇ ئېغىرلىتىپ ئىقتىسادى جازا قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىرانغا ئىقتىسادى جازا قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقان 6 چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، قالغانلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان.
ئەمما ئىران ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان يادرو تېخنىكىسىنىڭ پەقەت ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەكسىچە ئاتوم بومبا ياساش مۇددىئاسى يوقلۇقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.(جۈمە)