خىتاي، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا قاراتقان يادرو پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.01.26

خىتاي دائىرىلىرى، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا رۇسىيە زېمىنىدا ئورانىيۇم تاۋلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ "بۇ پىلان ئىران يادرو مەسىلىسى تۈپەيلى مۈرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتنى ياخشىلايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتى 26‏- يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "بېيجىڭبۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ" دېدى.

بۇ ئارىدا خىتاي تەرەپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لارىجانىنىڭ، جۈمە كۈنى رۇسىيىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا كېلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن، ئىران يادرو مەسسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلۇشىنى ۋە ئىرانغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەشەببۈس قىلىۋاتقان بولۇپ، بىراق خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى يەنە، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش ئىشلىرىغا زىيانلىق دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.