خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىراننى قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەنمەكتە


2006.02.24

رۇسىيە ۋە خىتاي يادرو مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئىراندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تېزلەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر ئىران بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، ب د ت نىڭ بۇ دۆلەتكە قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئىكەن.

رويتىرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24 ‏- فېۋرال كۈنى، رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ رەئىسى سىرگى كىرىيىنكو ۋە خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇ گاۋزىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئىران رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن تىھرانغا كەلدى.

ئىران بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇلۇشىنى قوللىمايدۇ. ئەمما ئىراننىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ يادرو مەسىلسىدىكى تەلەپلىرىگە پىسەنت قىلماي، يادو پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىدا چىڭ تۇرۇشى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يادرو مەسىلسىدىكى تەلەپلىرىگە ئاۋاز قوشۇشىغا سەۋەب بولغان.

ئەمما خىتاي ۋە رۇسىيە يەنىلا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قارىتا ئىمبارگو يولغا قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىراننى رۇسىيىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. رۇسىيە، ئىراندىكى يادرو رىياكتورلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۇراننى رۇسىيىدە تاۋلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىران ھۆكۈمىتى بولسا، رۇسىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە ئۇران تاۋلاش ئىشىغا خىتاينىڭ قاتنىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى، ئىران رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشنىڭ ئىران توغرىسىدا بىر قارار چىقىرىشىنى كېچىكتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېيىشمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.