كوندالىزا رايىس ئىراننىڭ يادرو ھەرىكىتىگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەكىتلىدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىغا قانداق قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئىران دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھەرىكەت قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا بىردەك قارشى تۇرۇشى كېرەك، دېدى.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلسى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇلدى. ئەمما بىخەتەرلىك كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى قانداق چارە - تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسىدە تېخى بىرلىككە كېلەلمىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىرانغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. لېكىن رۇسىيە ۋە خىتاي بۇنىڭغا قارشى چىقماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى، رۇسىيىنىڭمۇ ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللا ئەلى خامەنىي ئىران تېلىئېۋىزورىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش توغرىسىدا چەت دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا قەتئى بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- كوندالىزا رايىس ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىدە خىتاي مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۈمكىن
- رايس: ئىران ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رىقابەت بولۇشى مۇمكىن
- كوندولىزا رايس مۇبارەك بىلەن ھامماس توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران يادرو مەسىلسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى