خىتاي ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى خالايدىكەن


2006.09.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بىز داۋاملىق ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ سۆھبەت ۋە دىئالوگ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، دېگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن 31‏- ئاۋغۇست مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىران يادرو مەسىلىسىدە بەرگەن تۇنجى ئوچۇق باياناتى ھېسابلىنىدۇ.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىرانغا ئۇران تاۋلاشنى توختىتىشى ئۈچۈن 31‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە مۆھلەت بەرگەن ئىدى. لېكىن ئىران رەھبەرلىرى ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۆھلەتكە قارىماي، ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سېن ماككورنىڭ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن 31‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە مۆھلەت بەرگەنلىكىنى، ئىران بۇ قارارنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمدى ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

لېكىن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ پوزىتىسىيىسى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ پوزىتسىيىنى بۇرۇنلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدا بېرىلگەن مۆھلەتكە پىسەنت قىلمىغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.