ئوران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىرانغا قاراتقان بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراندىكى ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بېرى بولغان ئىران مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كېڭىشى، پەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ يېڭى بىر يوشۇرۇن ھەربىي يادرۇ مەركىزى ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىران مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كېڭىشى تەرىپىدىن فرانىيىسىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېڭى يوشۇرۇن يەر ئاستى يادرو مەركىزىنىڭ ئىراننىڭ ناتانس ئوران تاۋلاش مەركىزىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان سىيا كو دەپ ئاتالغان تاغ تېزىمىسىنىڭ ئاسىتىدا ياسىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە ئىران ھۆكۈمىتى 2006- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزكۇر يوشۇرۇن يادرو مەركىزىنى ياساشقا باشلىغان بولۇپ، 6 ئاي ئىچىدە پۈتۈشى مۇمكىن ئىكەن. باياناتتا شۇنداقلا بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلارنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
لېكىن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسى خادىملىرى، ئىران مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كېڭىشىنىڭ باياناتى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئىران مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كېڭىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يوشۇرۇن يادرو مەركىزى ھەققىدە تەپسىلاتلىق ۋە پاكىتلىق ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەش يىل بۇرۇن مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ناتانس يادرو مەركىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراندىكى يوشۇرۇن ئىككى يادرو مەركىزى ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرلىرى، ئىراننىڭ 20 يىلدىن بېرى يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان يادرو پائالىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. (ئەقىدە)