سەيشەنبە كۈنى، شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى نەجەفتە ئامېرىكا قىسىملىرى بىلەن ئىراق شىئە لىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇقتىدا ئەلسەدىرگە قاراشلىق مىلىتانلار ئارىسىدا توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد نىڭ مەركىزى كوچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان رېشىت كوچىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 7 كىشى ئۆلدى 49 كىشى يارىلاندى.
رويتەرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى توقۇنۇشلار، ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئىياد ئەلاۋىينىڭ ئىراق خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە قانچىلىك قىيىن بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئارىدا، ئىراقنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسى تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن باغدادتا ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىراقنىڭ سىياسى ۋە دىنىي رەھبەرلىرى، نۇقتىدا ئەلسەدىرنى ئۇرۇشنى توختىتىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن نەجەف شەھىرىگە بېرىش پىلانىنى بىكار قىلدى. چۈنكى، نۇقتىدا ئەلسەدىرنىڭ جەڭچىلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر نەجەفكە كېلىشنى تەشەببۇس قىلسا، ئۇلارغا قارشى ئوق چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)