ئىراق ساقچىلىرى نەجەفتىكى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىگە كىردى

ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدىكى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىنى ئىگىلىۋالغان مۇقتادا ئەل سادىرغا سادىق قوراللىق كۈچلەر مەقبەرىدىن چېكىندى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئىراق ساقچى قىسىملىرى ۋە شىئە دىنىي دائىرىلەرنىڭ نەجەفتىكى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە شىيىلەرنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان ئىمام ئەلى مەقبەرىسىنى ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كونتروللىقىغا ئالغان.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، ئىمام ئەلى مەسچىتىدىكى 500 دەك قوراللىق كىشىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىمام ئەلى مەقبەرىسىنى ئىراق دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكۈزىۋالغانلىقى، مەقبەرىدىكى مۇقتادا ئەل سادىرغا سادىق قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئامېرىكا قوشۇنى ۋە ئىراق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى ھەپتىلىك توقۇنىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا. شىيىلەرنىڭ دىنىي رەھبىرى مۇقتادا ئەل سادىرنىڭ باياناتچىسى، مەقبەرىنىڭ ئاچقۇچىنى دىنىي دائىرىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ توختىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۇقتادا ئەل سادىرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن شىيىلەرنىڭ چوڭ ئاياتۇللاھسى ئالى سېستانىنىڭ ۋەكىللىرى ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىدە، مەقبەرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىمدىن بۇرۇن ئامېرىكا قىسىملىرى تۈنۇگۈن كېچىچە نەجەفتىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىلغانتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە نەجەفتە ئاز دىگەندە 77 ئادەم ئۆلگەن.(ئەركىن)