ئىراقتا توقۇنۇش يەنە داۋاملاشماقتا


2004.08.24

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراق ئەسكەرلىرى، ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدىكى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىنى قورشاۋ ئاستىغا ئالدى .

20 كۈندىن بۇيان، شىئە مۇسۇلمانلىرى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىنى قامال قىلىپ، بۇ يەردىن ئايرىلىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە، بىراق ئىراق ئەسكەرلىرى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىگە يېقىنلىشىپ، ئەل سادىر ھىمايىچىلىرىنىڭ دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلىشىنى، بولمىسا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى .

24 - ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەر،ئىراق مۇھىت باشقۇرۇش مىنىستىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان گەرچە ئىككى مىنىستىر ھايات قالغان بولسىمۇ، ھۇجۇم جەريانىدا 5 ئادەم ئۆلگەن .

ئىراقتىكى جىددى ۋەزىيەت يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەر ھەر يەردە ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارماقتا، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەلقائىدە تېرورىستلىرىدىن زەركاۋېيغا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار، مۇھىت مىنىستىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى ھۇجۇمدا چوقۇم نىشاننى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.