ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى

ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان 12 نەپەر نېپاللىقنى ئۆلتۈرىۋەتكەن .

ئىسلام ئېنتېرنەت تور بېتىدە گۆرەگە ئېلىنغان 12 نەپەر نېپاللىقتىن بىرىنىڭ كاللىسىنىڭ ئېلىنغانلىق باشقا 11 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك كۆرۈنىشى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نېپال ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە نېپالللىقلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلتۈرۋىتىلگەنلىگىنى دەرھال جەزملەشتۈرەلمىگەن .

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، گۆرەگە ئېلىنغان بۇ 12 نەپەر نېپاللىق ئەسلىدە ئىراقتىكى ئىئوردانىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەن .

بۇ ئارىدا فىرانسىيىنىڭ پرېزدېنتى شېراك يەنە بىر قېتىم ، ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر تەرىپىدىن گۆرەگە ئېلىنغان ئىككى فىرانسىيىلىكنى قويۇپ بېرىشىنى تەشەببۈس قىلغان ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر بولسا، فىرانسىيەدىكى بىر مەكتەپلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق سېلىشىنى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان . (ئەقىدە)