ئىراقنىڭ ۋاقتلىق پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى


2004.09.01

گەرچە ئىراقتا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاشلار يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئىراق ۋاقىتلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 100 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى ئىراقتىكى بىخەتەر “ يېشىل رايون” ئىچىدە بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئېچىۋاتقان مەزگىلدە، بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر كىشى قازا تاپقان.

چارشەنبە كۈنىدىكى ۋاقىتلىق پارلامېنت مۇراسىمىغا يەنە، كۇرد ۋەكىللىرى، سۈننىي ۋە شىئە مۇسۇلمانلىرى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ۋاقىتلىق پارلامېنتنىڭ ۋەزىپىسى، كېلەر يىلى يىل بېشىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە تەلەپ ۋە پىكىر سۇنۇش بولىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە يەنە، پارلامېنت ئەزالىرى كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، بىخەتەرلىك، تاشقى ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەرگە مەسئۇل بولىدىغان كوممېتىتلارنى تەسىس قىلىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.