قاتاردىكى ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسى، ئىراقتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان تۈركىيىلىك 3 نەپەر تۇتقۇننىڭ گۆرۈچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئەل - قائىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان قوراللىق ئۇنسۇرلار، تۈركلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدىكى نەق مەيدان سىن ئالغۇ كۆرۈنۈشىنى ئەل - جەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئىراق ساقچىلىرى ئىككى تۈركنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ئىدى. سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان يەنە بىر جەسەت، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ساماررا شەھىرى ئەتراپىدىن تېپىلغان. گۆرۈدىكى تۈركلەر ئابۇ مۇساد زەرقاۋى يېتەكچىلىكىدىكى تەۋھىد ۋە جىھاد دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ ئارىدا ئىراقتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان فرانسىيىلىك مۇخبىرلارنىنىڭ ھازىرغىچە ھايات ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئۈمىتى تۇغۇلغان، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ مۇخبىرلارنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆكتىچى بىر ئىسلام تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن . گۆرۈگە ئالغۇچىلار، فرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن مۇسۇلمان قىزلارنىڭ لېچەك ۋە چۈمبەل تارتىپ سىنىپقا كىرىشىنى مەنئى قىلىش قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا قانۇنى چىقىرىپ، خرىستىئان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كرېست بەلگىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دوپپا كىيىپ سىنىپقا كىرىشىنىمۇ چەكلىگەن.(ئەركىن)