سابىق ئىراق دىكتاتورىنىڭ ياردەمچىسى ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى قولغا چۈشتى


2004.09.05

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئاشكارلىشىچە ، سابىق ئىراق دىكتاتۇرى ساددام ھۈسسەيىننىڭ مۇئاۋىنى ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى ئەسىرگە ئېلىنغان.

ئىراق دائىرىلىرى ، ئەل دورىنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتىدىكى توقۇنۇشتا 70 دەك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە . ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، ئەل دورىنىڭ ئىراق مىللىي ئامانلىق قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىرگە ئېلىپ بارغان تېكرىتتىكى بىر ھەرىكەتتە قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى . ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى ، سابىق ئىراق دىكتاتۇرى ساددام ھۈسسەيىننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى بولۇپ ، ساددام ھۈسسەيىن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى ھازىرغىچە قولغا چۈشمىگەن سابىق ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى .

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا دەك 70 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، ئەل دورىنىڭ قوللىغىچىلىرىدىن 80 كىشىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ، ئەل دورىنى ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاچقۇچلۇق شەخس دەپ قارىماقتا ئىدى . بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ئەل دورى ساددام ھۈسسەيىننىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى بولغان, شۇنداقلا ئىراق ئىنقىلابى كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . ئەل دورى ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكتىكى 6 - كىشى بولۇپ , تىزىملىكتىكى ئالدىنقى بەش ھەممىسى ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.