ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا


2004.09.07

باغداد شەھىرىدە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى قوراللىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 30 نەچچە ئىراقلىق بىلەن بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى .

ئامېرىكا تەرەپ، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەلسادىر رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، توقۇنۇشنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئارىدا باغداد شەھىرىنىڭ باشلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئامان قالغان، بىراق مۇسۇلدىكى نېنىۋېي ئۆلكە باشلىقىنىڭ 19 ياشلىق ئوغلى ئۆلتۈرۋىتىلگەن .

بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەل-قاۋېي تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئىسلام تور بەتلىرىنىڭ بىرىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، فالۇجاھدا ئۆلتۈرۈلگەن 7 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان .

ئىراقتا، قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلىرىنى داۋاملاشماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.