ئىراقتا قازا تاپقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى مىڭدىن ئاشتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە ئىراقتا قازا تاپقان ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، 18 ئاي ئىچىدە 7 مىڭدىن كۆپ ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان. بولۇپمۇ ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشتىلا 34 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى قازا تېپىپ، 170 نەچچىسى يارىلانغان.

ئاق ساراي، ئىراقتا قازا تاپقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ قازا تاپقۇچىلارنى خاتىرلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازا تاپقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ مىڭغا يېتىشى، نۆۋەتتىكى پرېزدېنت جورج W بۇشنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشى توغرىسىدا ئامېرىكىدا يەنە بىر مەيدان بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ فالۇجا شەھىرىگە ھاۋادىن داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋالقى ھۇجۇمدا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇ يەردە يۈزدىن ئوشۇق توپىلاڭچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. (پەرىدە)