ئىراقتا توقۇنۇش داۋاملاشماقتا


2004.09.21

21 - سېنتەبىر كۈنى، پارتلاتقۇچ بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا باغداد ئايرودۇرۇمىنىڭ يولىدا پارتلاپ، ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى قازا قىلغان، 4 ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە پارتلاتقۇچ بومبا قاچىلانغان يەنە بىر ماشىنا ئوخشاش يەردە پارتلاپ، 3 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.

بۇ ئارىدا، ئىراق ساقچىلىرى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى، باغدادتىكى بىر مەسچىتنى پارتلىتىش پىلانىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن .

ئىراقتا تەرەپ - تەرەپتە پارتلاش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرگەندىن سىرت، زەركاۋېي بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر، غەربلىك ۋە ئامېرىكىلىقلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئەگەر شەرتلىرى بەجا كەلتۈرۈلمىسە، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە ئىسلام تور بەتلىرىنىڭ بىرىدە، گۆرۈگە ئېلىنغۇچى ئامېرىكىلىق ئامىستىرلاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانى كۆرسىتىلگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.