ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە


2004.09.27

ئىراقتىكى ئومومىي سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. دۈشەنبە كۈنى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ مۇسۇل ، فالۇجا ۋە باغدات شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا قوزغىغان ھوجۇملىرىدا ئاز دىگەندە ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ سەككىز نەپەر خادىمى ئۆلگەن.

ئامېرىكا س ن ن خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،قارشىلاشقۇچى كۈچلەر فالۇجا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ماشىنا پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ، ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تۆت خادىمىنى ئۆلتۈرگەن. مۇسۇلدا يۈز بەرگەن ماشىنا پارتلاش ۋەقەسىدە ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۈچ ئادىمى ئۆلگەن، يەتتە ئادەم يارىلانغان.

قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئارمىيىسى دۈشەنبە كۈنى باغدات شەھىرىنىڭ شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ رادىكال رەھبىرى مۇقتادا ئەل-سادىر كونتروللۇقىدىكى رايۇنلىرىغا ھوجۇم قىلغان. بۇرايۇندىكى دوختۇرخانا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھوجۇمدا بەش ئادەم ئۆلگەن، 40 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئىراقتا كىلەر يىلى 1 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومومىي سايلامنىڭ ھارپىسىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشى مومكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ئارىدا،ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋىل، ئىراقتىكى قارىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ دىموكراتىك تۈزۈمنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى سايلامدىن بۇرۇن، قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى فالۇجا قاتارلىق شەھەرلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھوجۇم قوزغايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.