باغداد شەھىرىنىڭ غەربىدىكى رايوندا پەيشەنبە كۈنى ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 41 ئادەم ئۆلدى، نەچچە ئون ئادەم يارىلاندى. پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ماشىنا ئەترىتى باغدادتىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن مەيداندىن ئۆتكەن پەيتتە يۈز بەرگەن. پارتلاشتىن كىيىن، كىشىلەر يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارغىنىدا، يەنە ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن.
بۇنىڭدىن سىرت پەيشەنبە كۈنى باغدادنىڭ غەربى رايونىدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن ئىككى نەپەر ئىراق ساقچىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. ئامېرىكىنىڭ بىر ئارقا سەپ تەمىنات بازىسىمۇ راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇننىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە يەتتە ئادەم يارىلانغان.
بۇنىڭ ئالدىدا، ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرى باغدادنىڭ غەربىدىكى فالۇجا شەھىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ئىدى. يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، سەككىز ئادەم يارىلانغان. تولۇق بولمىغان بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بىگۇناھ پۇقرالار بار ئىكەن. (ئارزۇ)