ئىراقتا پارتلاش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
2004.10.04
ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە شىمالىدىكى شەھەر مۇسۇلدا دۈشەنبە كۈنى ئارقا- ئارقىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يۈزگە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14 ئادەم دۈشەنبە كۈنى باغدادتا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ماشىنا پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. تۇنجى قېتىملىق پارتلاش ئىراق دۆلەت ئامانلىقنى قوغداش قىسىمىغا تىزىملىتىش پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش بولسا، مېھمانخانىلار رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ئالتە ئادەم ئۆلگەن.
مۇسۇلدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار، مۇسۇل شەھىرىدىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشىنىڭ پارتلىتىشنى سادىر قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ماشىنىسىدىكى بومبا مۇددەتتىن بۇرۇن پارتلاپ كەتكەن.
ئىراقتا ئومۇمىي سايلامنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ھەر خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ئىراقتىكى ساقچىلارنىڭ بىر قوماندانى باغداد شەھىرى ئەتراپىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئارمىيىسى مۇقتادا ئەل سادىر باشچىلىقىدىكى رادىكال شىئە مۇسۇلمانلىرى ئىگىلىگەن فالۇجا شەھىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. بومباردىماندا يەتتە ئادەم ئۆلگەن. ئامېرىكا ئارمىيە دائىرىلىرى، بۇ قېتىمقى بومباردىماندا قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئىشلىتىۋاتقان ئىككى بىنانىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باغدات شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى
- ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
- ئىراقتا توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- باغدادتا يەنە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
- شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
- ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- سابىق ئىراق دىكتاتورىنىڭ ياردەمچىسى ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى قولغا چۈشتى
- ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىنغان تۈركىيىلىك تۇتقۇنلار ئۆلتۈرىلدى