ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
2004.10.07
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى باش قورال تەكشۈرگۈچىسى چارلىز دولفېر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئاخىرقى دوكلاتىنى سۇنۇپ، ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىننىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىشنىڭ ئالدىدا، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىق قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
چارلىز دولفېرنىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتىغا بىلدۈرۈشىچە، 1991 - يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كىيىن، سادام ھۆسەيىن ھاكىمىيىتىنىڭ يادرو ۋە بىئولوگىيىلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلى 3 - ئايدا ئىراققا قوشۇن چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئىراقتىكى ئامېرىكا قورال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشقا ئامېرىكىنىڭ يېتەرلىك ئاساسى بارمۇ دېگەن مەسىلىدىكى تالاش -تارتىشلارنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈردى.
ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قورال تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چارلىز دولفېر يەنە، گەرچە سادام ھۆسەيىن ئۇرۇش باشلاش ئالدىدا ھېچقانداق چەكلەنگەن قوراللارغا ئىگە ئەمەس بولسىمۇ، بىراق ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى چەكلىمىسى بىكار قىلىنسىلا، ئۇنىڭ يەنىلا بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ھەمدە يادرو قورال پروگراممىسىنى قايتىدىن باشلاشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- باغدات شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى
- ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
- ئىراقتا توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- باغدادتا يەنە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- سابىق ئىراق دىكتاتورىنىڭ ياردەمچىسى ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى قولغا چۈشتى