ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىلەشمەكتە


2004.10.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلاندىكى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر ھەرىكىتى ئەڭ كۆپ سادىر بولىۋاتقان فەللۇجاخ شەھىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەل زاكاۋېيغا ئائىت قوراللىق كۈچلەر يوشۇرۇنغان شۇنىڭدەك ئۇلار قورال ساقلىغان جاينى بومباردىمان قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى، ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق مىنىستىرى ئالەۋېي، فالۇجاخ ئاھالىسىگە ، ئەگەر قورال ساقلىغان بولسا دەرھال نەق پۇلغا تېگىشىۋىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى . ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان باغدادنىڭ قەنداھار شەھىرىدىكى شىئە جەڭچىلىرى مەزكۇر بۇيرۇققا ئاساسەن قوراللارنى تاپشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددى ھالەتتە بولۇپ، بىر قانچە ۋاقىت ئىلگىرى ئاۋىسترالىيىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۈلىمىنى ۋە يارىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.