ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا، تېررورچى ئەل - زاكاۋېينىڭ بىر ياردەمچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى، دۈشەنبە كۈنى فاللۇجاھ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئون بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەل- زاكاۋېينىڭ قول ئاستىدىكى تېررورچىلار، ئاۋىسترىيىنىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ماشىنىسىنى پارتىلتىۋەتكەن بولۇپ، پارتلاشتا 3 ئىراقلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭدىن سىرت باغداتتا ئوخشاش بولمىغان پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە بىر ئىستونىيە ئەسكىرى، مۇسۇلدا 3 ئىراقلىق، رامادىدا 3 كىشى ھاياتدىن ئايرىلغان . (ئەقىدە)