باغدادتا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
2004.11.02
ئامرېكىدا پېرزىدېنت سايلىمى بولىۋاتقان بىر كۈندە ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد شەھىرىدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا يېقىن جايدا، ماشىنا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
رويتىرت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى پارتلاشتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاز دىگەندە ئىككىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، يارىلانغانلار ئارىسىدا بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە پارتلاش باغداد ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بىر خادىمى پارتلاشتا قازا قىلغان ھەم يارىلانغانلار يىگىرمىدىن ئاشىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.
بۇ پاجىئەدە يەنە مائارىپ بىناسى ۋە بىر قانچە ماشىنىلار ئوت ئالغاندىن باشقا، پارتلاش يۈز بەرگەن كوچىدىكى سۇ تۇربىلىرى يېرىلىپ، كوچىنى سۇ بېسىپ كەتكەن. ھازىرغا قەدەر ئىراقتا ھېچقانداق بىر گۇرۇھ ياكى شەخس بۇ پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئەل - زاكاۋىينىڭ يەنە بىر ياردەمچىسىنى يوقاتتى
- ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىلەشمەكتە
- مىسىردىكى ئىسرائىلىيە ساياھەتچىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمدا 27 ئادەم ئۆلدى
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
- باغدات شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى
- ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
- ئىراقتا توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- باغدادتا يەنە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى