ئىراق مەملىكەت بويىچە جىددى ھالەت ئېلان قىلدى

ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۈچەيگەنلىكى سەۋەبىدىن مەملىكەت بويىچە ئاز دىگەندە 60 كۈنلىك جىددى ھالەت يۈزگۈزۈلدىغانلىقىنى جاكالىدى. بىراق جىددى ھالەت كۈرتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىمالى ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.

ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تاھىر ناجىب، جىددى ھالەتنىڭ جىنايەتچىلەر ۋە تېررورچىلار كەڭ - كۆلەمدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئاساسى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرى فالۇجاھ شەھىرىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىگە قارشى كەڭ - كۆلەملىك ھەربىي ھەركەت قوزغاش ئالدىدى تۇرىۋاتىدۇ. فالۇجاھ ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشىۋېلىنغان. بۇ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ 1968 - يىلدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئەڭ زور كۆلەمدىكى ھەربىي ھەرىكىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

فالۇجاھدىكى بەزى نىشانلار ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىن بومباردىمان قىلىنغان. بۇ ئارىدا ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ باغدات ھۆكۈمىتى ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمى كۈچەيدى. يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ غەربىيدىكى ئەل - ئەنبار ئۆلكىسىئىدە بىر ساقچى پونكىتى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھۇجۇمدا 21 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن. ئەل ئانبارغا ئەتراپىدىكى ھەقلانىيىدە 6 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن. شەنبە كۈنى سامارادىكى پارتلاشدا ئاز دىگەندە 43 ئادەم ئۆلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدىكى ھۇجۇمى، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ فالۇجاھغا قارىتىلغان ھەربىي بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)