ئىراقتىكى ئامېرىكا قسملىرى فەلۇجاھ شەھىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى
2004.11.08
ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرى دۈشەنبە كۈنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تانكا ۋە توپلار بىلەن ئىراق قارشىلاشقۇچى كۈچلىرىنىڭ كونتروللىقىدىكى فەلۇجاھ شەھرىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىۋەتتى .
ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۈگۈنكى ھۇجۇمىدا ھازىرغىچە 42 جەڭچى ئۆلگەن بولۇپ، 4 چەتئەللىك جەڭچى ئەسىر ئېلىنغان . ئامېرىكا قىسىملىرى شۇنداقلا بۈگۈنكى ھۇجۇمى جەريانىدا، فەلۇجاھ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ كونتروللىقىنى قولغا چۈشۈرگەن .
ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، فەلۇجاھ شەھىرىدە كۆپىنچىسى چەتئەللىكلەردىن تەشكىل تاپقان 3000 ئەتراپىدا ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەنگەن جەڭچى بار ئىكەن .
ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەللاۋى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، فەلۇجاھنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن ئىراق قىسىملىرىغا ۋە ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچلىرىگە فەلۇجاھقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلدىم دىدى .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فەلۇجاھ شەھىرىدىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ خېلى ئۇزۇندىن بېرى فەلۇجاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى . ئۇلارمۇ ئۇزۇندىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى شەھەردە مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئالغان . شۇڭا فەلۇجاھتىكى ئۇرۇش ناھايىتى قاتتق ۋە قانلىق بولۇشى مۇمكىن . (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق مەملىكەت بويىچە جىددى ھالەت ئېلان قىلدى
- باغدادتا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
- ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئەل - زاكاۋىينىڭ يەنە بىر ياردەمچىسىنى يوقاتتى
- ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىلەشمەكتە
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
- باغدات شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى
- ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
- ئىراقتا توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- باغدادتا يەنە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى