ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى فەللۇجاھدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى تەشەببۈس قىلدى

ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق مىنىستىرى ئالېۋېي 9 - نويابىر كۈنى، ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان فەللۇھجاھ شەھىرىدىكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى تەشەببۈس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ، فەللۇجاھ مەركىزىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ، بۇ يەردە توپىلاڭ چىقىرۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنى تارمار قىلىشىنى تەكىتلىدى.

ئالېۋېينىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى، » گەرچە ھۇجۇم يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا ھەربىي ھەركەت جىددى ئېلىپ بېرىش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا فەللۇجاھ مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك « دىدى.

ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەر بىر قاتار ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىپ، رامادى شەھىرىنىڭ مەركىزىنى قامال قىلغان، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلى، ئامېرىكا قوشۇنى رامادى شەھىرىنىڭ سىرتىغا چېكىنگەن.

ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇش، بۈگۈنگە قەدەر تىنجىمىغان بولۇپ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنغان، ئىراقنىڭ پايتەختتى باغدات شەھىرىدىلا، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى 4 قېتىم چوڭ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. (ئەقىدە)