ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى


2004.11.10

چارشەنبە كۈنى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئىراق ئارمىيىسى بىرلىكتە فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە بېسىپ كىرىپ، شەھەرنىڭ يېرىمىدىن ئوشۇقىنى كونترول قىلدى.

رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە، فاللۇجادىكى قوراللىق قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە داۋاملىق تۈردە ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلماقتا.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، فاللۇجادىكى ئىككى كۈنلۈك كۆرەشتە جەمئىي 11 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە ئىككى نەپەر ئىراق ئەسكىرى قازا تاپقان. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە بىر قىسىم ئاساسلىق كۆۋرۈك، قۇرۇلۇش بىنالىرى ۋە مەسچىتلەرنى ئىشغال قىلىپ، كۆپ مىقداردا قورال ۋە پارتلاتقۇچ بويۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىراقتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار چارشەنبە كۈنى، ئىراق ۋاقتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىسىتىرى ئاياد ئالاۋىنىڭ بىر نەچچە تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ، ئالاۋىنىڭ فاللۇجادىن ئارمىيە چېكىندۈرىشىنى، بولمىسا ئۇنىڭ تۇققانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى تەھدىت قىلغان.

ئىراقتا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان پارتلاش ۋەقەلىرى ۋە كېلەر يىل بېشىدىكى سايلام سەۋەبىدىن، ئاياد ئالاۋى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا فاللۇجانى ھەربىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، بۇ يەردىكى قوراللىق قارشىلاشقۇچى ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرىقىنى چىقارغان ئىدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.